يۇھاننا يازغان ئىككىنچى خەت (قىسقىچە چۈبەندۈرۈش) مۇئەللىپ بۇ خېتىنى «خۇدا تەرىپىدىن تاللانغان خانىمغا ۋە ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىگە»، يەنى مەلۇم بىر ھەقىقىي ئېتىقادچى خانىمغا ياكى مەلۇم بىر ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە يازغان. ئۇ بۇ خېتىدە ئېتىقادچىلارنى بىر_بىرىگە مېھىر_مۇھەببەت كۆرسىتىشكە، ئەيسا مەسىھ ھەققىدىكى تەلىملەردە چىڭ تۇرۇبقا ۋە ئەيسا مەسىھنىڭ ئىنسان تېنىدە كەلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمايدىغان ساختا تەلىم بەرگۈچىلەردىن ھەزەر ئەيلەبكە چاقىرغان. مۇئەللىپ ئۆزىنىڭ بۇ ئېتىقادچىلار بىلەن تېزرەك كۆرۈبۈش ئارزۇسىنى ئىپادىلەش بىلەن خېتىنى تاماملىغان. تېزىس: 1. سالام (1 _ 3_ئايەتلەر) 2. مېھىر_مۇھەببەتلىك ھايات (4 _ 6_ئايەتلەر) 3. ساختا تەلىم بەرگۈچىلەرنى رەت قىلىش (7 _ 11_ئايەتلەر) 4. ئاخىرقى سۆز (12_، 13_ئايەتلەر) يۇھاننا يازغان ئىككىنچى خەت 1 خۇدا تەرىپىدىن تاللانغان خانىمغا* ۋە ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىگە مەنكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ يېتەكچىسىدىن سالام مەن چىن كۆڭلۈمدىن سىلەرنى سۆيىمەن. سىلەرنى يالغۇز مەنلا ئەمەس، خۇدانىڭ ھەقىقىتىنى تونۇپ يەتكەنلەرنىڭ ھەممىسى سۆيىدۇ. 2 چۈنكى، بۇ ھەقىقەت قەلبىمىزدە يابىماقتا ۋە مەڭگۈ بىزگە يار بولىدۇ. 3 ئەربتىكى ئاتىمىز ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھ ھەقىقەت ۋە مېھىر_مۇھەببەت ئىچىدە يابايدىغان بىزلەرگە مېھىر_بەپقەت، رەھىمدىللىك ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي ھەقىقەت ۋە مېھىر_مۇھەببەت *1. خانىم _ بىر جەھەتتىن ھەقىقىي بىر ئايال خانىمنى كۆرسىتىشى، يەنە بىر جەھەتتىن بىر ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. 4 پەرزەنتلىرىڭىزدىن بەزىلىرىنىڭ ئەربتىكى ئاتىمىزدىن ئالغان ئەمر يۇھاننا يازخان ئىككىنچى خەت 1228 بويىچە ھەقىقەت يولىدا ماڭغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن خۇرسەن بولدۇم. 5 ھۆرمەتلىك خانىم، ئەمدى مەن سىزدىن بۇنى ئۆتۈنىمەنكى، بىز ھەممىمىز بىر_بىرىمىزگە مېھىر_مۇھەببەت كۆرسىتىشىمىز كېرەك. مەن سىزگە يېزىۋاتقانلىرىم يېڭى بىر ئەمر ئەمەس، بەلكى بىز بۇرۇندىن تارتىپ قوبۇل قىلىپ كېلىۋاتقان ئەمردۇر. 6 مېھىر_مۇھەببەت خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىپ ياباش دېمەكتۇر. خۇدانىڭ ئەمرى بولسا سىلەر بۇرۇندىن تارتىپ ئاڭلاپ كېلىۋاتقاندەك، مېھىر_مۇھەببەت يولىدا مېڭىشتۇر. 7 نۇرغۇن ساختا تەلىم بەرگۈچىلەر دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىدا پەيدا بولدى. ئۇلار ئەيسا مەسىھنىڭ دۇنياغا ئىنسان تېنىدە كەلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. بۇنداقلار دەل ئالدامچى ۋە ئەيسا مەسىھنىڭ رەقىبىدۇر. 8 خۇدا يولىدا سىڭدۈرگەن ئەجرىڭلارنى يوقىتىپ قويماي، خۇدانىڭ تولۇق ئىنئامىغا ئىگە بولۇبۇڭلار ئۈچۈن، ئۆزۈڭلارغا ئاگاھ بولۇڭلار. 9 ئەيسا مەسىھنىڭ تەلىملىرىدە چىڭ تۇرماي، ئۇنىڭدىن چەتنىگەنلەر خۇدائاتىغا باغلانمىغان بولىدۇ. ئەيسا مەسىھنىڭ تەلىملىرىدە چىڭ تۇرغانلار بولسا ئەربتىكى ئاتىمىز ۋە ئۇنىڭ ئوغلىغا باغلىنىپ ياباۋاتىدۇ. 10 ئەگەر بىرەر كىشى سىلەرنىڭ جامائەتچىلىكىڭلارغا ئەيسا مەسىھنىڭ تەلىملىرىنى ئەمەس، بەلكى بابقىچە تەلىم ئېلىپ كەلگەن بولسا، ئۇنى ئۆيۈڭلارغا تەكلىپ قىلماڭلار ھەم ئۇنى قاربى ئالماڭلار. 11 چۈنكى، ئۇنداق ئادەمنى قاربى ئالغان كىشى ئۇنىڭ يامان ئىشلىرىغا بېرىك بولغۇچىدۇر. ئاخىرقى سۆز 12 سىلەرگە دەيدىغان يەنە كۆپ سۆزلىرىم بار ئىدى. لېكىن، قەغەز بىلەن سىياھنى ئىشلەتكەندىن كۆرە، خۇباللىقىمىزنىڭ تولۇپ تېشىشى 1229 يۇھاننا يازخان ئىككىنچى خەت ئۈچۈن، يېنىڭلارغا بېرىپ دىدار كۆرۈبۈپ سۆزلىشىشنى ئەۋزەل بىلدىم. 13 خۇدا تەرىپىدىن تاللانغان ھەدىڭىزنىڭ پەرزەنتلىرىدىن* سىزگە سالام *13. ھەدىڭىزنىڭ پەرزەنتلىرى _ يۇھاننا تۇرغان جايدىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.