يۇھاننا يازغان ئۈچىنچى خەت (قىسقىچە چۈبەندۈرۈش) مۇئەللىپ بۇ خەتنى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ گايۇس ئىسىملىك يېتەكچىسىگە يازغان بولۇپ، ئۇ خېتىدە گايۇسنىڭ ئېتىقادچىلارغا قىزغىنلىق بىلەن ياردەم قىلغانلىقىدىن ئۇنى ماختاش بىلەن بىرگە دىئوتىرىپ ئىسىملىك بىر كىشىنى ئەيىبلىگەن. تېزىس: 1. دۇئايىسالام (1 _ 4_ئايەتلەر) 2. گايۇسنى ماختاش (5 _ 8_ئايەتلەر) 3. دىئوتىرىپنىڭ قىلمىشلىرى (9_، 10_ئايەتلەر) 4. دېمىترنىڭ ياخشى ئىشلىرى (11_، 12_ئايەتلەر) 5. ئاخىرقى سۆز (13 _ 15_ئايەتلەر) يۇھاننا يازغان ئۈچىنچى خەت 1 قەدىرلىك گايۇسقا، مەنكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ يېتەكچىسىدىن سالام مەن چىن كۆڭلۈمدىن سېنى سۆيىمەن. 2 قەدىرلىك دوستۇم، قەلبىڭ ساغلام بولغاندەك، ھەممە ئىشلىرىڭنىڭ ئوڭۇبلۇق ۋە تېنىڭنىڭ سالامەت بولۇبىغا تىلەكدابمەن. 3 بەزى قېرىندابلار كېلىپ، سېنىڭ خۇدانىڭ ھەقىقىتىدە چىڭ تۇرغانلىقىڭنى، يەنى ھەقىقەت يولىدا داۋاملىق مېڭىۋاتقانلىقىڭنى ئېيتقاندا، مەن بەك خۇرسەن بولدۇم. 4 مەن ئۈچۈن، پەرزەنتلىرىمنىڭ ھەقىقەت يولىدا مېڭىۋاتقانلىقىنى ئاڭلابتىنمۇ چوڭ خۇباللىق يوقتۇر. خۇدانىڭ خىزمىتىدە بولىدىغانلارخا ياردەم بېرىش 5 قەدىرلىك دوستۇم، ئەيسا مەسىھكە خىزمەت قىلىش يولىدا كەلگەن قېرىندابلارنىڭ بەزىلىرى ھەتتا ساڭا ناتونۇش بولسىمۇ، سەن ئۇلارغا ياردەم يۇھاننا يازخان ئۈچىنچى خەت 1232 بېرىپ كەلدىڭ. بۇ سېنىڭ خۇداغا بولغان ساداقەتمەنلىكىڭنى كۆرسىتىدۇ. 6 ئۇلار بۇ يەردىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئالدىدا سېنىڭ بۇ مېھىر_ مۇھەببىتىڭگە گۇۋاھلىق بەردى. ئۇلارنى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق كۈتۈۋېلىپ، خۇدانى خۇرسەن قىلغان ھالدا ئۇلارنىڭ سەپىرىگە ياردەم بەرسەڭ، ياخشى قىلغان بولىسەن. 7 چۈنكى، ئۇلار بۇ سەپەردە ئېتىقاد قىلمىغانلارنىڭ ھەرقانداق ياردىمىنى قوبۇل قىلماي، ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمىتىدە يولغا چىقتى. 8 بۇڭا، بىز بۇنداق ئىخلاسمەن كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە ھەقىقەت يولىدا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن، ئۇلارنى قوللاپ_ قۇۋۋەتلىشىمىز كېرەك. 9 بۇ توغرۇلۇق جامائەتچىلىككە بىر پارچە خەت يازغانىدىم. لېكىن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۆزىنى چوڭ تۇتۇۋالغان، جامائەتچىلىككە بابلىق بولۇش تەمەسىدە بولغان دىئوتىرىپ بىزنىڭ سۆزىمىزگە كىرمىدى. 10 بۇنىڭ ئۈچۈن، مەن بارغاندا، ئۇنىڭ قىلغان ئەسكىلىكلىرىنى يۈزىگە سالىمەن. ئۇ بىزگە رەزىل سۆزلەر بىلەن ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ. ئۇ بۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمىتىنى قىلىش ئۈچۈن كەلگەن قېرىندابلىرىمىزنىمۇ قوبۇل قىلمايۋاتىدۇ. ھەتتا بۇ قېرىندابلىرىمىزنى قوبۇل قىلماقچى بولغان كىشىلەرنى توسۇپ، ئۇلارنى جامائەتچىلىكتىن قوغلاپ چىقىرىۋاتىدۇ. 11 قەدىرلىك دوستۇم، يامانلىقتىن ئەمەس، ياخشىلىقتىن ئۈلگە ئال. ياخشىلىق قىلغان كىشى خۇداغا مەنسۇپتۇر. يامانلىق قىلغان كىشى خۇدانى تونۇپ يەتمىگەندۇر. 12 دېمىترگە كەلسەك، ھەممەيلەن ئۇنى ياخشى ئادەم، دەپ ماختىماقتا. بۇنى ئۇنىڭ ھەقىقەت يولىدا قانداق ماڭغانلىقىدىنمۇ بىلگىلى بولىدۇ. بىزمۇ ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىمىز. گۇۋاھلىقىمىزنىڭ راستلىقىنى سەنمۇ بىلىسەن. 1233 يۇھاننا يازخان ئۈچىنچى خەت ئاخىرقى سۆز 13 ساڭا دەيدىغان يەنە كۆپ سۆزلىرىم بار ئىدى. لېكىن، قەلەم بىلەن سىياھنى ئىشلەتكەندىن كۆرە، 14 سەن بىلەن پات ئارىدا دىدار كۆرۈبۈبنى ئەۋزەل بىلدىم. بۇ چاغدا سۆزلىشەرمىز. 15 ئامانلىق ساڭا يار بولسۇن دوستلىرىڭدىن ساڭا سالام. سەنمۇ ئۇ يەردىكى دوستلىرىمىزنىڭ ھەممىسىگە مەندىن سالام ئېيتقايسەن.