مۇقەددەس كىتاب ئىنجىل تەۋراتتىن تاللانمىلار ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى كىرىش سۆز ھۆرمەتلىك كىتابخان: سىز «تەۋرات» ۋە «ئىنجىل» قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان «مۇقەددەس كىتاب» ھەققىدە ئاڭلىغان بولۇسىڭىز مۇمكىن. «مۇقەددەس كىتاب» بارلىق ئىنسانلارغا ياراتقۇچى خۇدا تەرىپىدىن بېرىلگەندۇر. «مۇقەددەس كىتاب» «كونا ئەھدە» ۋە «يېڭى ئەھدە» دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن. 39 قىسىمدىن تەسكىل تاپقان «كونا ئەھدە» مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈسۈرۈلگەن «تەۋرات» تىن ئىبارەت بەش قىسىم، سۇنىڭدەك «زەبۇر» ۋە باسقا پەيغەمبەرلەرنىڭ قىسىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قولىڭىزدىكى كىتابقا «تەۋرات» نىڭ ئالدىنقى ئىككى قىسمى، يەنى «ئالەمنىڭ يارىتىلىشى» ۋە «مىسىردىن چىقىش» كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇلاردا دۇنيانىڭ ئاپىرىدە بولۇسى، ئىنسانلارنىڭ يارىتىلىشى، سۇنداقلا نۇھ، ئىبراھىم، ياقۇپ، يۈسۈپ، مۇسا قاتارلىق پەيغەمبەر ۋە ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئەجدادلىرى ھەققىدە خاتىرىلەنگەن. «يېڭى ئەھدە» دەپمۇ ئاتالغان «ئىنجىل» بولسا ئەيسا مەسىھتىن كېيىن يېزىلغان بولۇپ، ئۇ 27 قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. قولىڭىزدىكى تولۇق «ئىنجىل» نى مەزمۇن جەھەتتىن ئۈچكە بۆلۈسكە بولىدۇ: 1. «مەتتا»، «ماركۇس»، «لۇقا» ۋە «يۇھاننا» دىن ئىبارەت بۇ تۆت قىسىمدا ئەيسا مەسىھنىڭ دۇنياغا كېلىشى، ياراتقان مۆجىزىلىرى، تەلىملىرى، قەستەن كرېستكە مىخلىنىپ ئۆلتۈرۈلۈسى ۋە تىرىلىش جەريانلىرى بايان قىلىنىدۇ. 2. «ھەزرىتى ئەيسا ئەلچىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى» دە ئەيسا مەسىھنىڭ ساگىرتلىرىنىڭ خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش جەريانى بايان قىلىنىدۇ. بۇنىڭدا خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىنىڭ ئۇلار بىلەن بىللە بولغانلىقىدىن ئۇلارنىڭمۇ ئەيسا مەسىھكە ئوخشاش مۆجىزىلەرنى ياراتقانلىقى ھەمدە ھەرقانداق قىيىن ئەھۋال ۋە جاپا_ مۇسەققەتلەرگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، قەيسەرلىك بىلەن كىشىلەرنى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىشقا يېتەكلىگەنلىكى، نەتىجىدە ئېتىقادچىلار سانىنىڭ زور كۆپىيىپ، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكلىرىنىڭمۇ مەيدانغا كەلگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. 3. سالام خەتلەر ئەيسا مەسىھنىڭ ئەلچىلىرىنىڭ يېڭى قۇرۇلغان ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكلىرىگە يازغان خەتلىرى بولۇپ، بۇ خەتلەردە ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىش يولىنىڭ نېگىزى چۈسەندۈرۈلىدۇ ھەمدە ئېتىقادچىلارغا نەسىھەت، رىغبەت ۋە تەسەللى بېرىلىدۇ. «مۇقەددەس كىتاب» دۇنيادا سېتىلىش سانى ئەڭ كۆپ بولغان كىتاب بولۇپ، تۆت يۈزدىن ئارتۇق تىلغا تەرجىمە قىلىنغان. «ئىنجىل» نىڭ ئۆزىلا مىڭدىن ئارتۇق تىلغا تەرجىمە قىلىنغان. «مۇقەددەس كىتاب» نىڭ بىرىنچى تۈركچە نۇسخىسى 1666_يىلى تۈركىيىنىڭ سۇلتانى مەھمەتنىڭ تەرجىمانى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان. ئەڭ يېڭى نۇسخىسى بولسا 2001_يىلى نەسردىن چىققان. ئۇسبۇ كىتابنىڭ ئاخىرىدا كۆرسىتىلگىنىدەك، «ئىنجىل» نىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىغا تارقالغىنىغا كەم دېگەندىمۇ مىڭ يىل بولغان بولۇپ، كېيىنكى يىللاردا تۇرپان ۋە باسقا قەدىمىي سەھەرلەردىن تېپىلغان يادىكارلىقلار بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلايدۇ. «ئىنجىل» نىڭ 20_ ئەسىردىكى بىرىنچى ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى 1914_يىلى، «مۇقەددەس كىتاب» نىڭ تولۇق ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى 1950_يىلى نەسر قىلىنغان. «ئىنجىل» تەخمىنەن ئىككى مىڭ يىل بۇرۇن قەدىمكى گرېك تىلىدا يېزىلغان بولسا، «تەۋرات» نىڭ كۆپ قىسمى ئۇنىڭدىنمۇ كونا بولغان ئىبرانىي تىلىدا يېزىلغان. سۇڭا، ئۇلارنى تەرجىمە قىلىش ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس. ئەينى چاغدىكى تىللارنى بۈگۈنكى تىلىمىزغا توغرا، راۋان ۋە چۈسىنىشلىك قىلىپ تەرجىمە قىلىش تەرجىمانلاردىن زور ئەمگەك ۋە ئالاھىدە مەسئۇلىيەت تەلەپ قىلىدۇ، ئەلۋەتتە. قولىڭىزدىكى بۇ كىتاب يالغۇز بىر كىشىنىڭ ئەمەس، بەلكى بىرقانچە كىشىلەرنىڭ ئەتراپلىق ئىزدىنىشى، چوڭقۇر تەتقىق قىلىشى بىلەن ۋۇجۇدقا چىقتى. «ئىنجىل» ئەدەبىي گرېك تىلىدا ئەمەس، بەلكى ھەممە ئادەم چۈسىنىدىغان ئاممىباب گرېك تىلىدا يېزىلغان. سۇ سەۋەبتىن، تەرجىمانلار «ئىنجىل» نىڭ ئەينى تىلىغا سادىق بولۇش ئۈچۈن، ھازىرقى زامان ئاممىباب ئۇيغۇر تىلىنى قوللىنىشقا تىرىشتى. خۇدا «مۇقەددەس كىتاب» ئارقىلىق ئۆزىنى ئىنسانلارغا نامايان قىلىپ، ئۇلارغا بولغان مېھىر_مۇھەببىتىنى ۋە قۇتقۇزۇش پىلانىنى كۆرسەتكەن. بىز كەڭ كىتابخانلارنىڭ بۇ كىتابنى ئوقۇپ چىقىپ، خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ۋە ئۇنىڭ ئاتا قىلغان قۇتقۇزۇلۇش يولىنى تونۇپ يېتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئۇيغۇرچە «مۇقەددەس كىتاب» جەمئىيىتى كىتابنىڭ تۈزۈلۈسى ھەققىدە تولۇق «مۇقەددەس كىتاب» 66 قىسىمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، قولىڭىزدىكى بۇ كىتابقا ئۇلاردىن ش2 قىسىم، يەنى 27 قىسىمدىن ئىبارەت بولغان تولۇق «ئىنجىل» ۋە «تەۋرات» تىن 2 قىىسىم كىرگۈزۈلگەن. ھەربىر قىسىمنىڭ قىسقارتىلمىسى تۆۋەندىكىچە: تەۋراتتىن تاللانمىلار: ئالەمنىڭ يارىتىلىشى: يارىتىلىش مىسىردىن چىقىش: چىقىش ئىنجىل: مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر: مەتتا ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر: ماركۇس لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر: لۇقا يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر: يۇھاننا ھەزرىتى ئەيسا ئەلچىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى: ئەلچىلەر رىملىقلارغا يېزىلغان خەت: رىملىقلار كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت: كورىنتلىقلارغا 1_خەت كورىنتلىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت: كورىنتلىقلارغا 2_خەت گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت: گالاتىيالىقلار ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت: ئەفەسلىكلەر فىلىپىلىكلەرگە يېزىلغان خەت: فىلىپىلىكلەر كولوسىلىقلارغا يېزىلغان خەت: كولوسىلىقلار سالونىكالىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت: سالونىكالىقلارغا 1_خەت سالونىكالىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت: سالونىكالىقلارغا 2_خەت تىموتىيغا يېزىلغان بىرىنچى خەت: تىموتىيغا 1_خەت تىموتىيغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت: تىموتىيغا 2_خەت تىتۇسقا يېزىلغان خەت: تىتۇس فىلىمۇنغا يېزىلغان خەت: فىلىمۇن ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت: ئىبرانىيلار ياقۇپ يازغان خەت: ياقۇپ پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت: پېترۇسنىڭ 1_خېتى پېترۇس يازغان ئىككىنچى خەت: پېترۇسنىڭ 2_خېتى يۇھاننا يازغان بىرىنچى خەت: يۇھاننانىڭ 1_خېتى يۇھاننا يازغان ئىككىنچى خەت: يۇھاننانىڭ 2_خېتى يۇھاننا يازغان ئۈچىنچى خەت: يۇھاننانىڭ 3_خېتى يەھۇدا يازغان خەت: يەھۇدا ۋەھىيلەر: ۋەھىيلەر سۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈسكە ئەرزىيدۇكى، ئەسلى قوليازمىلار باب ۋە ئايەتلەرگە ئايرىلمىغان بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندىكى ھەممە تەرجىمىلەردە ئوخشاش باب ۋە ئايەت سىستېمىسى ئىشلىتىلمەكتە. بۇلار نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن كىرگۈزۈلگەن. مەسىلەن، جۈملىلەرنىڭ ئۈستىدىكى رەقەملەر ئايەتلەرگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. تەبىرلەردە مەلۇم باب ۋە ئايەتلەر قىسقارتىپ ئېلىنغان بولۇپ، قىسقارتىلىش ئۇسۇلى ۋە باسقا قائىدىلەر تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: 1. «مەتتا 28_باب 18_ئايەت» قىسقارتىلىپ: «مەتتا» 28: 18 دەپ ئېلىندى. 2. «مەتتا 28_باب 18_ئايەتتىن 20_ئايەتكىچە» قىسقارتىلىپ: «مەتتا» 28: 18 _ 20 دەپ ئېلىندى. 3. «مەتتا 28_باب 8_ئايەت، 10_ئايەت، 15_ئايەت» قىسقارتىلىپ: «مەتتا» 28: 8، 10، 15 دەپ ئېلىندى. 4. «مەتتا 27_باب 16_ئايەتتىن 28_باب 18_ئايەتكىچە» قىسقارتىلىپ: «مەتتا» 27: 16 _ 28: 18 دەپ ئېلىندى. گەرچە «ئىنجىل» نىڭ ئەسلى قوليازمىلىرى بىردەك بولسىمۇ، ئەمما بىر قىسىم ئايەت ياكى ئايەت بۆلەكلىرىنى بەزى نۇسخىلاردىن تاپقىلى بولمايدۇ. بۇنداق ئايەتلەر { } سەكىلدىكى چوڭ تىرناق ئىچىگە ئېلىندى، مەسىلەن «رىملىقلار» 16: 24. ئايەتنى چۈسىنىشتە مۇھىم رول ئوينايدىغان قوليازمىلاردىكى بەزى ئالاھىدە ئىسىملار تەرجىمانلار تەرىپىدىن [ ] سەكىلدىكى چوڭ تىرناق ئىچىگە ئېلىپ چۈسەندۈرۈلدى. ئەسلى قوليازمىلاردا بۇنداق چۈسەندۈرۈسلەر يوق، مەسىلەن «يارىتىلىش» 3: 20. يۇلتۇز بەلگىسى قويۇلغان سۆز ياكى جۈملىلەرگە سۇ بەتنىڭ ئاستىدا ئىزاھات بېرىلدى. چۈسەندۈرۈلگەن سۆز ياكى جۈملىنىڭ قايسى ئايەتتە ئىكەنلىكى ئىزاھاتنىڭ ئالدىدىكى رەقەم ئارقىلىق كۆرسىتىلدى. ئەسلى نۇسخىدا ئىشلىتىلگەن ۋاقىت ۋە باسقا ئۆلچەم بىرلىكلىرىمۇ ھازىرقى زامان ئۆلچەم بىرلىكلىرىگە ئايلاندۇرۇلدى. كىتابخانلارنىڭ چۈسىنىشى ئاسان بولۇش ئۈچۈن، قىسقا چۈسەندۈرۈش، ئىزاھات، تەبىر ۋە خەرىتىلەر تەرجىمانلار تەرىپىدىن بېرىلدى. تەبىردىكى ئاتالغۇلار ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە ئورۇنلاستۇرۇلدى. تەرجىمانلاردىن مۇندەرىجە تەۋراتتىن تاللانمىلار: ئالەمنىڭ يارىتىلىشى مىسىردىن چىقىش ئىنجىل: مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر ھەزرىتى ئەيسا ئەلچىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى رىملىقلارغا يېزىلغان خەت كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت كورىنتلىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت فىلىپىلىكلەرگە يېزىلغان خەت كولوسىلىقلارغا يېزىلغان خەت سالونىكالىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت سالونىكالىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت تىموتىيغا يېزىلغان بىرىنچى خەت تىموتىيغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت تىتۇسقا يېزىلغان خەت فىلىمۇنغا يېزىلغان خەت ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت ياقۇپ يازغان خەت پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت پېترۇس يازغان ئىككىنچى خەت يۇھاننا يازغان بىرىنچى خەت يۇھاننا يازغان ئىككىنچى خەت يۇھاننا يازغان ئۈچىنچى خەت يەھۇدا يازغان خەت ۋەھىيلەر تەبىرلەر قوسۇمچە