ياقۇپ يازغان خەت (قىسقىچە چۈبەندۈرۈش) مۇئەللىپ خېتىدە ئۆز ئىسمىنىڭ ياقۇپ ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان. ئۇ يېرۇسالېمدىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ يېتەكچىسى («ئەلچىلەر» 15_با 1 _ 21_ئايەتلەر)، ئەيسا مەسىھنىڭ ئىنىسى ياقۇپ دەپ قارىلىپ كەلگەن. ئەيسا مەسىھ ئۆلۈمدىن تىرىلىشتىن بۇرۇن، ياقۇپ ئۇنىڭغا ئىشەنمىگەن ھەم ئۇنىڭ خىزمىتىنى قوللىمىغان. كېيىن، ئۇ ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىپ، يېرۇسالېمدىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ تۈۋرۈكى بولۇپ قالغان. مۇئەللىپ بۇ خەتنى ھېچكىمنىڭ ئۆز ئېتىقادىنى ئەمەلىيىتىدە ئىپادىلىشىنىڭ ھاجىتى يوق، دەيدىغان خاتا كۆزقارابنى تۈزىتىپ بېرىش ۋە ئېتىقادچىلارغا قانداق ياباش كېرەكلىكىنى كۆرسىتىش مەقسىتىدە يېزىپ چىققان. ئۇ مەغرۇرلىنىش، كەمسىتىش، ئاچكۆزلۈك، نەپسانىيەتچىلىك، ساختىپەزلىك ۋە تۆھمەتخورلۇق ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن. مۇئەللىپ ھەقىقىي ئېتىقادنىڭ كىشىلەرنىڭ ئەمەلىيىتىدە ئىسپاتلىنىدىغانلىقىنى بىرنەچچە مىسال بىلەن چۈبەندۈرگەن ۋە بۇنى مېۋە دەرىخىنىڭ پەقەت ئۆزىگە خاس مېۋە بېرىدىغانلىقى بىلەن سېلىشتۇرغان. قىسقىسى، ئۇ بۇ خەتتە ئېتىقادقا يارىشا ياباش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. تېزىس: 1. سىنىلىش ۋە ئازدۇرۇلۇش (1_با 1 _ 18_ئايەتلەر) 2. ئاڭلاش ۋە ئىجرا قىلىش (1_با 19 _ 27_ئايەتلەر) 3. ئايرىمىچىلىق قىلماسلىق (2_با 1 _ 13_ئايەتلەر) 4. ئېتىقاد ۋە ئەمەلىيەت (2_با 14 _ 26_ئايەتلەر) 5. تىلنى تىزگىنلەش (3_با ) 6. بۇ دۇنيادا ياباش (4_بابتىن 5_با 6_ئايەتكىچە) 7. سەۋرچان بولۇش ۋە دۇئا قىلىش (5_با 7 _ 20_ئايەتلەر) ياقۇپ يازغان خەت 1 خۇدانىڭ ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارى بولغان مەنكى ياقۇپتىن دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىغا تارقالغان، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىدىغان يەھۇدىيلارغا سالام. ئېتىقاد ۋە سىناق 2 قېرىندابلار، ھەر خىل سىناقلارغا دۇ كەلگەندە، ئۇنى زور خۇباللىق، دەپ بىلىڭلار. 3 چۈنكى سىلەرگە مەلۇمكى، بۇنداق سىناقلار ئارقىلىق ئېتىقادىڭلار سىنىلىپ، چىداملىق بولىسىلەر. 4 بۇڭا، ھەرقانداق سىناقلارغا بەردابلىق بېرىپ، چىداملىقىڭلارنى يېتىلدۈرۈڭلار. بۇنداق قىلساڭلار، خۇدانىڭ كۈتكىنىدەك ئېتىقادتا پىشقان، كەم_كۈتىسىز ئادەملەردىن بولىسىلەر. 5 ئەگەر ئاراڭلاردىكى بىرى ئەقىل_پاراسەتكە 1 1_باب ياقۇپ يازخان خەت 1170 موھتاج بولسا، ھەممىگە سېخىيلىق بىلەن بېرىدىغان ۋە مالال كۆرمەيدىغان خۇدادىن تىلىسۇن. بۇندىلا، ئۇنىڭغا ئېرىشىدۇ. 6 بىراق، ئۇ ئەقىل_پاراسەت تىلىگەندە، خۇدادىن قىلچىمۇ گۇمانلانماي، تولۇق ئىشەنچ بىلەن تىلىشى كېرەك. چۈنكى، گۇمانلانغان كىشى خۇددى دېڭىز دولقۇنىغا ئوخشاش، بامال چىقسىلا تەۋرىنىپ كېتىدۇ. 7_8 بۇنداق كىشى ئۆزىنىڭ بارلىق ئىشلىرىدا بىقارار ۋە تۇراقسىز كېلىدۇ. بۇڭا، بۇنداق ئادەم خۇدادىن تىلىگەن نەرسىلىرىگە ئېرىشىمەن، دەپ ئويلىمىسۇن. نامراتلىق ۋە بايلىق 9_10 نامرات ئېتىقادچىلار خۇدانىڭ ئالدىدا ئۆزلىرىنىڭ ناھايىتى قىممەتلىك ئىكەنلىكىدىن خۇبال بولسۇن. باي ئېتىقادچىلار خۇدانىڭ ئۆزلىرىنى كەمتەر تۇتقۇزغانلىقىدىن خۇبال بولسۇن. چۈنكى ئۇلار بۇنى بىلسۇنكى، ئۇلارنىڭ بۇ دۇنيادىكى ھاياتى خۇددى ياۋا ئوت_چۆپلەردىكى چېچەكلەردەك تېز ئاخىرلىشىدۇ. 11 كۈن قىزىغاندا بۇ ئوت_چۆپلەر قۇرۇپ، ئۇنىڭ چېچەكلىرى توزۇپ كېتىدۇ_دە، گۈزەللىكى يوقىلىدۇ. باي ئادەملەر خۇددى بۇنىڭغا ئوخشاش، ئۆز ھەلەكچىلىكىدە يوقىلىدۇ. سىنىلىش ۋە ئازدۇرۇلۇش 12 سىناقلارغا سەۋرچانلىق بىلەن بەردابلىق بەرگەن كىشى نەقەدەر بەختلىك_ھە چۈنكى، ئۇ سىناقتىن ئۆتكەندىن كېيىن، خۇدا ئۆزىنى سۆيگەنلەرگە ۋەدە قىلغان مەڭگۈلۈك ھايات تاجىغا مۇيەسسەر بولىدۇ. 13 ئازدۇرۇلۇبقا دۇ كەلگەن ئادەم «خۇدا مېنى ئازدۇرۇۋاتىدۇ» دەپ ئويلىمىسۇن. چۈنكى، خۇدا ئازدۇرۇلمايدۇ ھەم بابقىلارنى ئازدۇرمايدۇ. 14 كىمدەكىم ئۆز ھەۋەسلىرىنىڭ كەينىگە كىرسە، ئۇ ئازىدۇ. 15 بۇنداق 1171 ياقۇپ يازخان خەت 1_باب ئادەمنىڭ ھەۋەسلىرى ئۇنى گۇناھقا بابلايدۇ. گۇناھ ئۇنىڭدا ئۆسۈپ يېتىلسە، ئۇنى مەڭگۈلۈك ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدۇ. 16 بۇڭا قەدىرلىك قېرىندابلىرىم، ئالدىنىپ قالماڭلار 17 ھەرقانداق ئېسىل ۋە كەم_كۈتىسىز ئىلتىپات خۇدادىن كېلىدۇ. ئاسماندىكى پۈتكۈل يورۇقلۇقلارنى ياراتقان خۇدا يورۇقلۇقتىن پەيدا بولغان كۆلەڭگىلەردەك ئۆزگىرىشچان ئەمەس. 18 خۇدا ئۆز ئىرادىسى بويىچە بىزنى ھەقىقەتتىن ئىبارەت بولغان سۆزى ئارقىلىق يېڭى ھاياتقا ئېرىشتۈردى. بۇنىڭ بىلەن، خۇددى دەسلەپكى ھوسۇلنىڭ مېۋىسى خۇداغا ئاتالغىنىدەك، بىز ئېتىقادچىلار پۈتكۈل ئىنسانلار ئىچىدە تۇنجى بولۇپ خۇداغا ئاتالدۇق. ئاڭلاش ۋە ئىجرا قىلىش 19 قەدىرلىك قېرىندابلىرىم، بۇنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى، ھەركىم ئاڭلابتا زېرەك بولسۇن، سۆزلەبكە ئالدىرىمىسۇن، ئاسان غەزەپلەنمىسۇن. 20 چۈنكى، غەزەپلەنسەڭلار، خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان ھەققانىي ئىشلارنى قىلالمايسىلەر. 21 بۇنىڭ ئۈچۈن، ھەر خىل ئىپلاسلىقلارنى ۋە بارلىق يامان قىلمىشلارنى تابلاڭلار. قەلبىڭلارغا سېلىنغان، سىلەرنى قۇتقۇزالايدىغان سۆزنى كەمتەرلىك بىلەن ئۆزلەبتۈرۈڭلار. 22 خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ قويساملا بولىدۇ دەپ، ئۆزۈڭلارنى ئالدىماڭلار. ئەكسىچە، ئۇنى ئىجرا قىلغۇچىلاردىن بولۇڭلار. 23 خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ قويۇپلا، ئۇنى ئىجرا قىلمىغان كىشى خۇددى ئەينەككە قاراپ، يۈزىگە قارا سۈرتۈلگەنلىكىنى كۆرسىمۇ، ئۇنى سۈرتۈۋەتمىگەن كىشىگە ئوخشايدۇ. 24 بۇنداق كىشى ئەينەكتىن يىراقلابسىلا، ئۆز ئەپتىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. 25 گۇناھ قىلىشتىن ئەركىن قىلىدىغان مۇكەممەل قانۇننى داۋاملىق ئەستايىدىللىق بىلەن ئۆگەنگۈچى ئاڭلىغىنىنى ئۇنتۇپ قالماي، 2_باب ياقۇپ يازخان خەت 1172 بەلكى ئۇنى ئىجرا قىلسا، ئۇ ھەممە ئىشلىرىدا بەختلىك قىلىنىدۇ. 26 ئۆزىنى خۇداغا ئىخلاسمەن ئادەم دەپ قارىغان، لېكىن تىلىنى تىزگىنلىمىگەن كىشى ئۆزىنى ئۆزى ئالدايدۇ. بۇنداق ئىخلاسمەنلىكنىڭ قىلچە قىممىتى يوقتۇر. 27 خۇدائاتىمىزنىڭ نەزىرىدىكى پاك ۋە ئەيىبسىز ئىخلاسمەنلىك بولسا قىيىنچىلىقتا قالغان يېتىم_يېسىر، ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن تۇل خوتۇنلارغا غەمخورلۇق قىلىش ۋە ئۆزىمىزنى دۇنيانىڭ بۇلغىشىدىن ساقلابتۇر. ئايرىمىچىلىق قىلماسلىق 1 قېرىندابلىرىم، سىلەر ئۇلۇ رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغانىكەنسىلەر، بابقىلارغا ئىككى خىل كۆز بىلەن قارىماڭلار. 2 سىلەرنىڭ خۇداغا ئىبادەت قىلىدىغان يىغىلىشىڭلارغا پۇزۇر كىيىنىۋالغان بىر باي ۋە جۇل_جۇل كىيىنىۋالغان بىر كەمبەغەل كەلسە، 3 سىلەر باي كىشىگە «تۆرگە چىقسىلا»، كەمبەغەلگە، «ئۇ يەردە تۇر» ياكى «تۆۋەندە ئولتۇر» دېسەڭلار، 4 سىلەرنىڭ بۇنداق ئوخشىمايدىغان مۇئامىلەڭلار نىيىتىڭلارنىڭ يامان ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرمەمدۇ؟ 5 قەدىرلىك قېرىندابلىرىم، قۇلاق سېلىڭلار خۇدا بۇ دۇنيادىكى كەمبەغەللەرنى ئېتىقاد جەھەتتە باي قىلىش ھەمدە ئۇلارنى ئۆزىنى سۆيگەنلەرگە بېرىشكە ۋەدە قىلغان پادىشاھلىقىغا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، تاللىدى. 6 بىراق، سىلەر كەمبەغەللەرنى خارلىدىڭلار سىلەرنى ئەزگەن ۋە سوتقا سۆرىگەنلەر ئەمەلىيەتتە بايلار ئەمەسمۇ؟ 7 سىلەر مەنسۇپ بولغان ئەيسا مەسىھنىڭ ئالىيجاناس نامىغا كۇپۇرلۇق قىلىۋاتقانلار يەنە بۇ بايلار ئەمەسمۇ؟ 8 مۇقەددەس يازمىلاردىكى «قوبناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي» 2 1173 ياقۇپ يازخان خەت 2_باب دېگەن ئەمرگە، يەنى خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ بۇ قانۇنىغا ھەقىقىي ئەمەل قىلساڭلار، ياخشى قىلغان بولىسىلەر. 9 لېكىن، بابقىلارغا ئىككى خىل كۆز بىلەن قارىساڭلار، گۇناھ قىلغان بولىسىلەر. چۈنكى، سىلەر خۇدانىڭ ئابۇ قانۇنىغا خىلاپلىق قىلدىڭلار. 10 ئەگەر بىر كىشى خۇدانىڭ پۈتۈن قانۇنىغا ئەمەل قىلدىم دەپ تۇرۇپ، ئۇنىڭدىكى بىرەر پەرمانغا خىلاپلىق قىلىپ قالسا، ئۇ خۇدانىڭ نەزىرىدە پۈتۈن قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ئادەمگە ئوخشاش گۇناھكار ھېسابلىنىدۇ. 11 خۇدا: «زىنا قىلما» دېگەن ھەم «قاتىللىق قىلما» مۇ دېگەن. بۇڭا، ئەگەر سىلەر زىنا قىلمىساڭلارمۇ، لېكىن قاتىللىق قىلغان بولساڭلار، يەنىلا پۈتۈن تەۋرات قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان بىلەن تەڭ بولىسىلەر. 12 سىلەر سىلەرنى گۇناھ قىلىشتىن ئەركىن قىلىدىغان قانۇن بويىچە سوراق قىلىنىسىلەر. بۇڭا، سۆز_ھەرىكىتىڭلار بۇ قانۇنغا ئۇيغۇن بولسۇن. 13 چۈنكى، سىلەر بابقىلارغا رەھىم قىلمىساڭلار، سوراق قىلىنغاندا خۇدا سىلەرگىمۇ رەھىم قىلمايدۇ. بابقىلارغا رەھىم قىلغان بولساڭلار، خۇدانىڭ جازاسىغا ئەمەس، رەھىم قىلىشىغا ئېرىشەلەيسىلەر. ئېتىقاد ۋە ئەمەلىيەت 14 قېرىندابلىرىم ئەگەر بىر كىشى ئاغزىدا، «مەن ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىمەن» دەپ تۇرۇپ، ئۇنى ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتمىسە، ئۇنىڭ نېمە پايدىسى؟ ئۇ بۇنداق ئېتىقاد بىلەن قۇتقۇزۇلۇبقا ئېرىشەلەمدۇ؟ 15_16 ئەگەر قېرىندابلىرىڭلاردىن بىرى ئا_يالىڭا قالسا، ئۇنىڭغا: «خۇدا قورسىقىڭنى توق، كىيىمىڭنى پۈتۈن قىلسۇن، ئامان بول» دەپ قويۇپلا، ھاجىتىدىن چىقمىساڭلار، بۇنىڭ نېمە پايدىسى؟ 17 بۇڭا، پەقەت ئېتىقادلا بولۇپ، ئۆز ئېتىقادىغا ماس كېلىدىغان ئەمەلىيىتى بولمىسا، بۇنداق ئېتىقادنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوقتۇر. 2_باب ياقۇپ يازخان خەت 1174 18 لېكىن، بەزىلەر: «مەندە ئېتىقاد بولسىلا بولدى» دېسە، بەزىلەر: «ئېتىقاد بىلەن ئەمەلىيەت بىرگە بولۇبى كېرەك» دەپ ئۆزئارا تالىشىشى مۇمكىن. مەن ئابۇ «مەندە ئېتىقاد بولسىلا بولدى» دېگۈچىلەرگە: «ئەگەر سېنىڭ ئەمەلىيىتىڭ بولمىسا، ئۆز ئېتىقادىڭنى نامايان قىلالمايسەن. بىراق، مەن ئەمەلىيىتىم ئارقىلىق ئۆز ئېتىقادىمنى نامايان قىلالايمەن» دەپ جاۋاس بېرىمەن. 19 سەن خۇدانىڭ بىر ئىكەنلىكىگە ئىشەنسەڭلا كۇپايە قىلامدۇ؟ خۇدانىڭ بىر ئىكەنلىكىگە ھەتتا جىنلارمۇ ئىشىنىدۇ ھەم ئۇنىڭدىن قورقۇپ دىر_دىر تىترەيدۇ. 20 ئەي نادان ئەمەلىيىتى يوق ئېتىقادنىڭ ئەھمىيەتسىز ئىكەنلىكىنى قاچانمۇ بىلەرسەن؟ 21 خۇدانىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلىش ئۈچۈن ئەجدادىمىز ئىبراھىم ئۆز ئوغلى ئىسھاقنى قۇربانلىق قىلماقچى بولغان ۋە بۇ ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ئۇ خۇدا تەرىپىدىن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلانغان ئەمەسمۇ؟ 22 دېمەك، ئۇنىڭ ئەمەلىيىتى ئۇنىڭ ئېتىقادىغا ماس كەلگەن. بۇنداق قىلىپ، ئۇنىڭ ئېتىقادى ئەمەلىيىتى ئارقىلىق تولۇقلاندى. 23 بۇنىڭ بىلەن، تەۋراتتا ئېيتىلغان: «ئىبراھىم خۇدانىڭ سۆزلىرىگە ئىشەندى. خۇدا ئۇنىڭ ئېتىقادىنى كۆرۈپ، ئۇنى ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلىدى» دېگەن سۆز ئىسپاتلاندى ۋە ئىبراھىم خۇدانىڭ دوستى، دەپ ئاتالدى. 24 بىز بۇنىڭدىن بۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، خۇدا ئېتىقادىلا بولۇپ ئەمەلىيىتى بولمىغان ئادەمنى ئەمەس، بەلكى ئېتىقادى بىلەن ئەمەلىي ھەرىكىتى بىردەك بولغان ئادەمنى ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلايدۇ. 25 بۇ توغرۇلۇق يەنە بىر مىسال بار. پاھىشە ئايال راھاس ئىسرائىل چارلىغۇچىلىرىنى ئۆز ئۆيىدە يوبۇرۇپ، ئۇلارنىڭ بابقا يول بىلەن قېچىپ كېتىشىگە ياردەم بەرگەن ئەمەلىي ھەرىكىتى ئۈچۈن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلانغان ئەمەسمۇ؟ 26 روھى يوق تەن ئۆلۈك بولغىنىدەك، ئەمەلىيىتى يوق ئېتىقادمۇ ئۆلۈكتۇر. 1175 ياقۇپ يازخان خەت 3_باب تىلنى تىزگىنلەش 1 قېرىندابلىرىم، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدە ھەممىڭلارلا تەلىم بەرگۈچى بولۇۋالماڭلار سىلەرگە مەلۇمكى، خۇدا بىز تەلىم بەرگۈچىلەرنى بابقىلاردىن تېخىمۇ ئېغىر سوراققا تارتىدۇ. 2 ھەممىمىز كۆپ خاتالىشىمىز. ھالبۇكى، تىلدا خاتالابمىغان كىشى ئۆزىنى ھەر جەھەتتىن تىزگىنلەپ، پىشىپ يېتىلگەن كىشى بولىدۇ 3 بىز ئاتلارنى تىزگىنلەش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئاغزىغا يۈگەن سالىمىز؛ بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى خالىغان يېرىمىزگە ماڭدۇرالايمىز. 4 يەنە مەسىلەن، كېمە بۇنچىلىك چوڭ بولسىمۇ، يەنە كېلىپ كۈچلۈك بوران ئۇنىڭغا بۇنچە قاتتىق ئۇرۇلسىمۇ، لېكىن رولچى كىچىككىنە رول ئارقىلىق ئۇنى خالىغان يېرىگە ھەيدىيەلەيدۇ. 5 بۇنىڭغا ئوخشاش، گەرچە تىل تېنىمىزنىڭ كىچىك بىر ئەزاسى بولسىمۇ، لېكىن چوڭ ئىشلارغا سەۋەس بولالايدۇ. كىچىككىنە بىر ئوت ئۇچقۇنىنىڭ چوڭ ئورمانغا ئوت قويۇۋېتەلەيدىغانلىقىنى ئويلاپ بېقىڭلار. 6 تىل دەل بۇ ئوت ئۇچقۇنىغا ئوخشايدۇ. ئۇ ھەر خىل قىلمىشنىڭ مەنبەسى ۋە ئەزالىرىمىز ئىچىدىكى بۇزغۇنچى بولۇپ، پۈتۈن بەدىنىمىزنى بۇلغىيالايدۇ. بۇ ئوت دوزاخ ئوتىدىن يېقىلسا، ھاياتىمىزنى ۋەيران قىلىۋېتەلەيدۇ. 7 ئىنسانلار ياۋايى ھايۋاناتلار، ئۇچارقاناتلار، يەر بېغىرلىغۇچى ھايۋانلار ۋە سۇ مەخلۇقاتلىرىنى تىزگىنلىيەلەيدۇ ھەمدە ئۇلارنى ئاللىبۇرۇن تىزگىنلىدى. 8 ئەمما تىلنى ھېچكىم تىزگىنلىيەلمەيدۇ. تىل تىزگىنلىگىلى بولمايدىغان بىر ئوسال نەرسە بولۇپ، ئۇ خۇددى جانغا زامىن بولىدىغان زەھەرگە ئوخشايدۇ. 9 بىز تىلىمىز بىلەن خۇدائاتىمىزنى مەدھىيىلەيمىز، يەنە بۇ تىلىمىز بىلەن خۇدا ئۆز ئوبرازىغا ئوخشاش قىلىپ ياراتقان ئىنسانلارنى قارغايمىز. 10 دېمەك، بىر ئېغىزدىن ھەم مەدھىيە، ھەم لەنەت چىقىدۇ. قېرىندابلىرىم، بۇنداق بولماسلىقى كېرەك 11 بىر بۇلاقتىن بەربەتمۇ، زەرداپمۇ چىقامدۇ؟ 3 4_باب ياقۇپ يازخان خەت 1176 12 قېرىندابلىرىم، ئەنجۈر دەرىخى زەيتۇننىڭ مېۋىسىنى بەرمەيدۇ، ئۈزۈم تېلى ئەنجۈرنىڭ مېۋىسىنى بەرمەيدۇ. بەربەت بۇلىقىدىن زەرداپمۇ چىقمايدۇ. خۇدادىن كەلگەن ئەقىل_پاراسەت 13 ئاراڭلاردا كىم ئەقىل_پاراسەتلىك بولسا، ئۇ ئۆز ھاياتىدا كەمتەرلىك بىلەن قىلغان ياخشى ئىشلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئەقىل_پاراسىتىنى كۆرسەتسۇن. 14 لېكىن، قەلبىڭلاردا ھەسەتخورلۇق ۋە بەخسىيەتچىلىك بولسا، ئەقىل_پاراسەتلىكمەن، دەپ ئۆزۈڭلاردىن ماختانماڭلار. ئەگەر ماختانساڭلار، يالغان سۆزلەپ، ھەقىقەتنى يوققا چىقارغان بولىسىلەر. 15 بۇ دۇنياغا ۋە ئىنسان تەپەككۈرىگە خاس بولغان بۇنداق «ئەقىل_پاراسەت» خۇدادىن كەلگەن ئەمەس، بەلكى بەيتاندىن كەلگەن. 16 ھەسەتخورلۇق ۋە بەخسىيەتچىلىك بولغانلا يەردە قالايمىقانچىلىق ۋە ھەر خىل رەزىللىكلەر بولىدۇ. 17 لېكىن، بىر ئادەمدە خۇدادىن كەلگەن ئەقىل_پاراسەت بولسا، ئۇ ئالدى بىلەن پاك، ئاندىن تىنچلىقپەرۋەر، خۇش پېئىل، كەمتەر ۋە رەھىمدىل بولۇپ، ئۇنىڭ ھاياتى ياخشى مېۋىلەر بىلەن تولغان بولىدۇ. ئۇ يەنە ئايرىمىچىلىق ۋە ساختىپەزلىك قىلمايدۇ. 18 تىنچلىق ئىزدىگۈچىلەر تىنچلىق ئۇرۇقىنى چاچىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ئادالەت مېۋىسىنى ئالىدۇ. بۇ دۇنيانى دوست تۇتماسلىق 1 ئاراڭلاردىكى توقۇنۇش ۋە ماجىرالارنىڭ مەنبەسى نېمە؟ بۇ دەل قەلبىڭلارنى چىرمىۋالغان ئارزۇ_ھەۋەسلىرىڭلار ئەمەسمۇ؟ 2 سىلەر ئۆزۈڭلار ئارزۇ قىلغان نەرسىلەرگە ئېرىشەلمىگەندە، ئادەم ئۆلتۈرۈبتىن يانمايسىلەر. ۋەھالەنكى، ئارزۇ قىلغان نەرسىلىرىڭلارغا ئېرىشەلمەي، 4 1177 ياقۇپ يازخان خەت 4_باب جېدەل_ماجىرا چىقىرىسىلەر. سىلەر خۇدادىن تىلىمىگەنلىكىڭلار ئۈچۈن ئېرىشەلمەيسىلەر. 3 تىلىسەڭلارمۇ ئېرىشەلمەيسىلەر، چۈنكى نىيىتىڭلار يامان بولۇپ، ئۆز ئارزۇ_ھەۋەسلىرىڭلارنى قاندۇرۇش ئۈچۈنلا تىلەيسىلەر. 4 ئەي خۇداغا ۋاپاسىزلار بۇ دۇنيا بىلەن دوستلىشىشنىڭ ئەمەلىيەتتە خۇدا بىلەن دۈبمەنلىشىش ئىكەنلىكىنى بىلمەمتىڭلار؟ ئەگەر سىلەر بۇ دۇنيانى دوست تۇتماقچى بولساڭلار، خۇدانىڭ دۈبمىنىگە ئايلىنىسىلەر. 5 مۇقەددەس يازمىلاردا: «خۇدا قەلبىمىزگە سالغان مۇقەددەس روھ بىزنىڭ خۇداغا ساداقەتمەن بولۇبىمىزنى ناھايىتى ئارزۇ قىلىدۇ» دېيىلگەن. سىلەرچە، بۇ قۇرۇق سۆزمۇ؟ 6 يامان ئارزۇ_ھەۋەسلىرىمىز ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىمىز ئۈچۈن، خۇدا بىزگە كۆپ كۈ_قۇدرەت بېرىدۇ. بۇ خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا: «خۇدا قاربىدۇر تەكەببۇرلارغا، مېھىر_بەپقەت قىلار كەمتەرلەرگە» دەپ يېزىلغىنىدەكتۇر. 7 بۇنىڭ ئۈچۈن، خۇداغا ئىتائەتمەن بولۇڭلار. بەيتانغا قاربى تۇرۇڭلار. بۇ چاغدىلا، بەيتان سىلەردىن قاچىدۇ. 8 خۇداغا يېقىنلىشىڭلار، خۇدامۇ سىلەرگە يېقىنلىشىدۇ. ئەي گۇناھكارلار، گۇناھتىن قول ئۈزۈڭلار. ئەي ھەم خۇدانى، ھەم دۇنيانى دوست تۇتىمىز دېگۈچىلەر، قەلبىڭلارنى پاك قىلىڭلار. 9 قىلغان گۇناھلىرىڭلار ئۈچۈن قايغۇ_ھەسرەت چېكىڭلار، ھازا تۇتۇپ يىغلاڭلار، كۈلكەڭلارنى ماتەمگە، خۇباللىقىڭلارنى قايغۇغا ئايلاندۇرۇڭلار. 10 خۇدانىڭ ئالدىدا ئۆزۈڭلارنى تۆۋەن تۇتۇڭلار. بۇ چاغدا، خۇدا سىلەرنى ئۈستۈن قىلىدۇ. قېرىنداغلار ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلماسلىق 11 قېرىندابلار، بىر_بىرىڭلارنى سۆكمەڭلار. قېرىندىشىڭلارنى سۆكسەڭلار ياكى ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلساڭلار، خۇدانىڭ «بىر_ 5_باب ياقۇپ يازخان خەت 1178 بىرىڭلارنى سۆيۈڭلار» دېگەن قانۇنىنىمۇ سۆككەن ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلغان بولىسىلەر. چۈنكى، سىلەر خۇدانىڭ قانۇنىنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىنى قارار قىلىدىغان سوتچى ئەمەسسىلەر. سىلەرنىڭ ۋەزىپەڭلار خۇدانىڭ قانۇنىغا بويسۇنۇبتىن ئىبارەت. 12 پەقەت خۇدالا قانۇن تۈزگۈچى ۋە ھۆكۈم قىلغۇچىدۇر، قۇتقۇزۇش ۋە ھالاك قىلىش پەقەت خۇدانىڭ كۈ_ قۇدرىتىدىن كېلىدۇ. بۇنداق ئىكەن، بابقىلار ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىشقا سىلەرنىڭ نېمە ھوقۇقۇڭلار بار؟ ماختانماسلىق 13 بەزىلەر: «بۈگۈن ياكى ئەتە پالان بەھەرگە بارىمىز. ئۇ يەردە بىر يىل تۇرىمىز، تىجارەت قىلىپ، كۆپ پۇل تاپىمىز» دەيدۇ. بۇنداق دەيدىغانلار ماڭا قۇلاق سېلىڭلار، 14 ئەتە نېمە بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىلەر؟ سىلەرنىڭ ھاياتىڭلار خۇددى بىر دەمدىلا پەيدا بولۇپ يوقاپ كېتىدىغان تۇمانغا ئوخشايدۇ. 15 بۇنىڭ ئۈچۈن، «خۇدا بۇيرۇسا، ئۆلمىسەكلا، ئۇنى قىلىمىز، بۇنى قىلىمىز» دەڭلار. 16 بىراق، ھازىر سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ پىلانىڭلاردىن مەغرۇرلۇق بىلەن ماختىنىسىلەر. بۇنداق قىلىش توغرا ئەمەس. 17 ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى، قىلىشقا تېگىشلىك ياخشى ئىشنى بىلىپ تۇرۇپ قىلمىغانلار گۇناھ قىلغان بولىدۇ. بايلارنى ئاگاھلاندۇرۇش 1 ئەي بايلار، قۇلاق سېلىڭلار بېشىڭلارغا كېلىدىغان پالاكەتلەر ئۈچۈن داد_پەرياد قىلىپ يىغلاڭلار. 2 بايلىقىڭلار چىرىپ كېتىدۇ، كىيىم_كېچىكىڭلارنى كۈيە يەپ كېتىدۇ، 3 ئالتۇن_كۈمۈبلىرىڭلارنى بولسا ھامان دات باسىدۇ. بۇ دات قىيامەت كۈنىدە بەخسىيەتچىلىكىڭلارغا 5 1179 ياقۇپ يازخان خەت 5_باب گۇۋاھلىق بېرىپ، دوزاختا كۆيۈبۈڭلارغا سەۋەس بولىدۇ. چۈنكى، سىلەر بۇ ئاخىر زاماندا بايلىق توپلاش بىلەنلا بولۇپ كېتىۋاتىسىلەر. 4 سىلەر ئېتىزلىقىڭلاردا ئىشلەۋاتقانلارنىڭ ئىش_ھەقلىرىگە ھىيلە_مىكىر ئىشلىتىپ كەلدىڭلار. ئۇلار ئۈستۈڭلاردىن بىكايەت قىلىۋاتىدۇ. سىلەرگە ھوسۇل يىغىپ بېرىۋاتقان بۇ كىشىلەرنىڭ ئاھ_زارى ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ قۇلىقىغا يەتتى. 5 سىلەر بۇ دۇنيادا بايابات ۋە ئەيش_ئىشرەت ئىچىدە ياباۋاتىسىلەر. قويلار بوغۇزلىنىدىغان كۈنگە قەدەر بوردالغانغا ئوخشاش، سىلەرمۇ قىيامەت كۈنىگە قەدەر ئۆزۈڭلارنى بورداۋاتىسىلەر. 6 سىلەرگە قاربى چىققۇدەك كۈچىمۇ بولمىغان گۇناھسىز كىشىلەرنى گۇناھقا مەھكۇم قىلىپ، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ كەلدىڭلار. سەۋر_تاقەت ۋە دۇئا 7_8 بۇڭا، قېرىندابلار، رەببىمىز ئەيسا قايتا كېلىدىغان كۈنگىچە سەۋر_تاقەت قىلىپ تۇرۇڭلار. دېھقانلار مول ھوسۇل ئېلىش ئۈچۈن باھار ۋە كۈز يامغۇرلىرىنى سەۋر_تاقەت بىلەن كۈتكىنىگە ئوخشاش، سىلەرمۇ ئەيسا مەسىھنىڭ قايتا كېلىشىنى سەۋر_تاقەت بىلەن كۈتۈڭلار. ئىرادەڭلار مۇستەھكەم بولسۇن. چۈنكى، رەببىمىز ئەيسانىڭ قايتا كېلىشىگە ئاز قالدى. 9 قېرىندابلار، خۇدانىڭ جازاسىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بىر_ بىرىڭلاردىن ئاغرىنماڭلار؛ سوراق قىلغۇچى كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ. 10 خۇدا ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئازاس_ئوقۇبەتلەرگە قانداق سەۋر_تاقەت قىلغانلىقىدىن ئۈلگە ئېلىڭلار. 11 بىز مانا مۇبۇنداق سەۋر_تاقەت بىلەن بەردابلىق بەرگەنلەرنى بەختلىك ھېسابلايمىز. ئايۇپنىڭ ئۆز بېشىغا كەلگەن ھەر خىل ئېغىر ئازاس_ئوقۇبەتكە قانداق سەۋر_تاقەت بىلەن بەردابلىق بەرگەنلىكىنى، بۇنداقلا ئاخىردا خۇدانىڭ ئۇنىڭ ھاياتىنى قانداق ياخشى 5_باب ياقۇپ يازخان خەت 1180 ئورۇنلابتۇرغانلىقىنى بىلىسىلەر. خۇدا ھەقىقەتەنمۇ ناھايىتى بەپقەتلىك ۋە رەھىمدىلدۇر. 12 قېرىندابلىرىم، ئەڭ مۇھىمى، قەسەم قىلماڭلار ئاسمان، زېمىن ۋە بابقا نەرسىلەرنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلغۇچى بولماڭلار. جاۋابىڭلار تۈزلا «ھەئە» ياكى «ياق» بولسۇن. بۇنداق قىلغاندا، خۇدانىڭ جازاسىغا تارتىلمايسىلەر. 13 ئاراڭلاردا جاپا تارتىۋاتقان كىشى بار بولسا، ئۇ خۇداغا دۇئا قىلسۇن. خۇبال بولۇۋاتقان كىشى بار بولسا، ئۇ خۇداغا مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتسۇن. 14 ئاغرىق_سىلاقلار بار بولسا، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ يېتەكچىلىرىنى چاقىرتىپ كەلسۇن. ئۇلار رەببىمىزنىڭ نامى بىلەن بۇ ئاغرىقلارنىڭ بېشىغا يا سۈركەپ* دۇئا قىلسۇن. 15 رەببىمىز تولۇق ئىشەنچ بىلەن قىلىنغان دۇئا ئارقىلىق ئاغرىقنى ساقايتىدۇ ۋە ئۇنى ئورنىدىن تۇرغۇزىدۇ. ئەگەر بىمار گۇناھ قىلغان بولسا، كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. 16 بۇڭا، بىپالىق تېپىش ئۈچۈن، ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىڭلارنى ئۆزئارا ئىقرار قىلىڭلار ۋە بىر_بىرىڭلار ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار. ھەققانىي ئادەمنىڭ دۇئاسى زور كۈ ۋە ئۈنۈمگە ئىگىدۇر. 17 ئىلياس پەيغەمبەرمۇ بىزگە ئوخشاش ئادەم ئىدى. ئۇ ئىسرائىلىيىدە يامغۇر ياغماسلىق ئۈچۈن ئىخلاس بىلەن دۇئا قىلغانىدى. نەتىجىدە، ئۈ يېرىم يىل يامغۇر ياغمىدى. 18 كېيىن، قايتا يامغۇر يېغىش ئۈچۈن دۇئا قىلغانىدى، يامغۇر يېغىپ، يەرمۇ ھوسۇل بەردى. 19 قېرىندابلىرىم، ئاراڭلاردا ھەقىقەتتىن چەتنىگەن كىشى بولسا، ئۇنى ھەقىقەتكە قايتۇرۇپ ئەكېلىشكە تىرىشىڭلار. 20 بۇنى بىلىڭلاركى، گۇناھكار *14. بۇ يەردىكى يا سۈركەبنىڭ مەقسىتى بىمارغا خۇدانىڭ غەمخورلۇقىنى ئەسلىتىپ، خۇدانىڭ ئۇنى ساقايتالايدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت. كىشىنى ھەقىقەتكە قايتۇرۇپ ئەكەلگەن ئادەم بۇ كىشىنىڭ مەڭگۈلۈك 1181 ياقۇپ يازخان خەت 5_باب ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇبىغا ۋە نۇرغۇن گۇناھلىرىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ.