يەھۇدا يازغان خەت (قىسقىچە چۈبەندۈرۈش) بۇ خەتنىڭ مۇئەللىپى ئەيسا مەسىھنىڭ ئىنىسى يەھۇدادۇر. بۇ خەت پېترۇس يازغان ئىككىنچى خەت بىلەن مەزمۇن جەھەتتە ئوخشاش بولۇپ، مۇئەللىپنىڭ بۇ خەتنى يېزىشىدىكى مەقسىتى ئېتىقادچىلارنى ئۆزلىرىنى ئېتىقادچى دەپ ئاتىۋالغان ساختا تەلىم بەرگۈچىلەردىن ئاگاھلاندۇرۇبتۇر. مۇئەللىپنىڭ بۇ خەتنى قەيەردىكى ئېتىقادچىلارغا يازغانلىقى ئېنىق ئەمەس. بىراق، خەتنىڭ مەزمۇنى ناھايىتى ئېنىق بولۇپ، ئۇ ئېتىقادچىلارنى ئۆزلىرىنىڭ ئارىسىغا سۇقۇنۇپ كىرىۋالغان ساختا تەلىم بەرگۈچىلەردىن ھەزەر ئەيلەبكە، ئۇلارغا ۋە ئۇلارنىڭ تەلىملىرىگە قاربى تۇرۇبقا چاقىرغان. ئۇ يەنە ئېتىقادچىلارنى ئېتىقادىدا چىڭ تۇرۇبقا ھەمدە ئېتىقادىدا تەۋرەنگۈچىلەرگە ياردەم بېرىشكە ئۈندىگەن. تېزىس: 1. سالام (1_، 2_ئايەتلەر) 2. ساختا تەلىم بەرگۈچىلەر ھەققىدە (3 _ 16_ئايەتلەر) 3. ئاگاھلاندۇرۇش ۋە تاپىلاش (17 _ 23_ئايەتلەر) 4 خۇداغا مەدھىيىلەر (24 _ 25_ئايەتلەر) يەھۇدا يازغان خەت 1 ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارى، ياقۇپنىڭ ئىنىسى مەنكى يەھۇدادىن، خۇدائاتىمىز تەرىپىدىن چاقىرىلغان، ئۇنىڭ مېھىر_مۇھەببىتىگە ئېرىشكەن، ئەيسا مەسىھ تەرىپىدىن قوغداپ قېلىنغانلارغا سالام. 2 خۇدا سىلەرگە ھەسسىلەپ رەھىمدىللىك، ئامانلىق ۋە مېھىر_مۇھەببەت ئاتا قىلغاي ساختا تەلىم بەرگۈچىلەرنىڭ گۇناھلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى 3 قەدىرلىك قېرىندابلىرىم، مەن ئەسلى سىلەرگە ھەممىمىز بەھرىمەن بولۇۋاتقان قۇتقۇزۇلۇش توغرىسىدا يېزىشقا ئىنتىزار بولۇپ كەلگەنىدىم. بىراق، ھازىر بۇنىڭ ئورنىغا سىلەرنى خۇش خەۋەرنىڭ ھەقىقىتىنى ساقلاش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە، بۇ خەتنى يېزىش كېرەكلىكىمنى ھېس قىلدىم. خۇدا بۇ ئۆزگەرمەس ھەقىقەتنى بىر يولىلا يەھۇدا يازخان خەت 1236 ئۆزىنىڭ مۇقەددەس خەلقىگە ئامانەت قىلغان. 4 بۇ خەتنى چوقۇم يېزىشىم كېرەك، چۈنكى خۇدا يولىدا ماڭمىغان بەزى كىشىلەر ئاراڭلارغا سۇقۇنۇپ كىرىۋېلىپ، بۇزۇقچىلىق قىلىۋەرسەكمۇ خۇدانىڭ مېھىر_بەپقىتى بىلەن كەچۈرۈلىمىز، دېگەندەك تەلىملەرنى بېرىپ، بىردىنبىر ئىگىمىز ۋە رەببىمىز بولغان ئەيسا مەسىھنى رەت قىلماقتا. ئۇلارنىڭ سوراققا تارتىلىشى ھەققىدە مۇقەددەس يازمىلاردا بۇرۇنلا پۈتۈلگەن. 5 بۇرۇن رەببىمىز ئۆز خەلقى بولغان ئىسرائىللارنى مىسىردىكى قۇللۇقتىن قۇتقۇزدى. لېكىن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۆزىگە ئىشەنمىگەنلەرنى كېيىن ھالاك قىلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن خەۋىرىڭلار بولسىمۇ، مەن ئۇنى يەنىلا ئېسىڭلارغا سېلىشنى توغرا تاپتىم. 6 يەنە بۇنىمۇ ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى، ئۆز ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشنى خالىماي، ئۆز ئورۇنلىرىنى تابلاپ كەتكەن پەرىشتىلەرنى رەببىمىز ئۇلۇ قىيامەت كۈنىنىڭ سورىقىغىچە مەڭگۈ ئېچىلمايدىغان كىشەنلەر بىلەن كىشەنلەپ قاراڭغۇلۇققا تابلىدى. 7 سودوم، گومورا ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى بەھەرلەرنىڭ خەلقلىرىنىمۇ يادىڭلاردىن چىقارماڭلار. ئۇلار خۇددى خۇداغا بويسۇنمىغان پەرىشتىلەرگە ئوخشاش، خۇداغا بويسۇنماي، جىنسىي ئەخلاقسىزلىق ۋە غەيرىي بەھۋانىيلىقلارغا بېرىلىپ كېتىپ، ئاخىرى ئوتتا كۆيدۈرۈلگەن. بۇ خەلقلەر يامانلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ مەڭگۈلۈك ئوتتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىگە ئىبرەت قىلىندى. 8 ئاراڭلارغا كىرىۋالغان بۇ ئادەملەر «خۇدادىن ۋەھىي كەلدى» دەپ، بۇزۇقلۇق قىلىپ، بۇ تەرىقىدە ئۆز تەنلىرىنى بۇلغىماقتا. ئۇلار خۇدانىڭ ھوقۇقىغا پىسەنت قىلماي، ئەربتىكى ئۇلۇغلارغا كۇپۇرلۇق قىلماقتا. 9 ھەتتا باش پەرىشتە مىكائىلمۇ مۇسانىڭ جەسىتى توغرىسىدا بەيتان بىلەن تالاش_تارتىش قىلغاندا، ئۇنى ھاقارەتلىك سۆزلەر بىلەن ئەيىبلەبكە پېتىنالمىغان، پەقەت «سېنى پەرۋەردىگار ئەيىبلىسۇن» دەپلا قويغان. 1237 يەھۇدا يازخان خەت 10 لېكىن، بۇ كىشىلەر ئۆزلىرى چۈبەنمەيدىغان ئىشلار ئۈستىدە كۇپۇرلۇق قىلىدۇ. ئۇلار ئەقىلسىز ھايۋانلاردەك، ئۆز تەبىئىتىنىڭ ئىنكاسى بويىچە ياباپ، بۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنى ھالاك قىلىدۇ. 11 بۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي چۈنكى، ئۇلار ئۆز ئىنىسىنى ئۆلتۈرگەن قابىلنىڭ يولى بىلەن ماڭدى. پۇل تېپىش ئۈچۈن، بىلئامغا ئوخشاش ھەرقانداق يامان ئىشنى قىلدى. كوراھ خۇداغا قاربى ئىسيان كۆتۈرۈپ ھالاك بولغاندەك، ئۇلارمۇ ئاخىر ھالاك بولىدۇ. 12 دوستانە زىياپەتلىرىڭلاردا تارتىنماي، سىلەر بىلەن رەببىمىزنىڭ داستىخىنىغا داخىل بولغان بۇ كىشىلەر سىلەرگە دا كەلتۈرىدۇ. ئۇلار ئۆز نەپسىنىلا ئويلاپ، بامال ھەيدىگەن يامغۇرسىز بۇلۇتلاردەك بولۇپ، پۈتۈنلەي قۇرۇپ كېتىپ، يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تابلانغان كە كۈزنىڭ مېۋىسىز دەرەخلىرىگە ئوخشايدۇ. 13 خۇددى دېڭىزنىڭ دەھشەتلىك دولقۇنلىرى مەينەتچىلىكنى قىرغاققا ئۇرۇپ چىقارغاندەك، ئۇلار ئۆز بۇزۇقچىلىقىنىڭ چاۋىسىنى چىتقا يايىدۇ. ئۇلار خۇددى ئېقىپ چۈبكەن يۇلتۇزلارغا ئوخشاش بولۇپ، مەڭگۈلۈك ھازىرلاپ قويۇلغان قاپقاراڭغۇلۇققا يۈزلىنىدۇ. 14 ئادەم ئاتىنىڭ يەتتىنچى ئەۋلادى بولغان ھانۇخ بۇ كىشىلەر توغرىسىدا مۇنداق دەپ ئالدىن ئېيتقان: «قاراڭلار، رەببىمىز تۈمەنمىڭلىغان مۇقەددەس پەرىشتىلىرى بىلەن كەلمەكتە. 15 ئۇ پۈتكۈل ئىنسانلارنى سوراق قىلىپ، ئۇنىڭ يولىدا ماڭمىغان ھەربىر ئىنساننىڭ خۇداغا قاربى ھالدا قىلغان يامانلىقلىرى، بۇنداقلا بۇ گۇناھكارلارنىڭ رەببىمىزگە قاربى قىلغان بارلىق كۇپۇرلۇقلىرى تۈپەيلىدىن ئۇلارنى جازالايدۇ.» يەھۇدا يازخان خەت 1238 16 بۇ كىشىلەر ھامان غوتۇلداپ، ئاغرىنىپ يۈرىدۇ. ئۆز ھەۋەسلىرىنىڭ كەينىگە كىرىدۇ، ماختىنىپ سۆزلەيدۇ، ئۆز مەنپەئىتى ئۈچۈن بابقىلارغا خۇبامەتچىلىك قىلىدۇ. ئاگاھلاندۇرۇش ۋە تاپىلاش 17 قەدىرلىك قېرىندابلىرىم، سىلەر رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئەلچىلىرىنىڭ ئالدىن ئېيتقان سۆزلىرىنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار. 18 ئۇلار سىلەرگە: «ئاخىر زاماندا، گۇناھقا پاتقان ھەۋەسلىرىنىڭ كەينىگە كىرىپ، خۇدانى مازاق قىلىدىغانلار چىقىدۇ» دېگەنىدى. 19 ئۇلار ئاراڭلارغا بۆلگۈنچىلىك سالىدىغان، ئۆز تەبىئىتى تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنغان، قەلبىدە مۇقەددەس روھ بولمىغان كىشىلەردۇر. 20 لېكىن سىلەر، قەدىرلىك قېرىندابلىرىم، ئۆزۈڭلارنى ئىنتايىن مۇقەددەس بولغان ئېتىقادىڭلارنىڭ ئۇلى ئۈستىدە ئۆسۈپ يېتىلدۈرۈڭلار ۋە مۇقەددەس روھقا تايىنىپ دۇئا قىلىڭلار. 21 رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ رەھىمدىللىك بىلەن سىلەرگە بېرىدىغان مەڭگۈلۈك ھاياتىنى كۈتۈپ، خۇدانىڭ مېھىر_مۇھەببىتى ئىچىدە ياباڭلار. 22 ئېتىقادىدا تەۋرىنىۋاتقانلارغا رەھىم قىلىڭلار. 23 بەزى كىشىلەرنى خۇددى ئوتتىن قۇتۇلدۇرغاندەك، خۇدانىڭ جازاسىدىن قۇتۇلدۇرۇۋېلىڭلار. يەنە بەزىلەرگە رەھىم قىلىڭلار. بىراق، سىلەر خۇددى بىر ئادەمنىڭ بۇلغانغان كىيىمىدىن يىرگەنگەندەك، ئۇلارنىڭ قىلغان گۇناھلىرىدىن ھەم يىرگىنىڭلار. مەدھىيە دۇئاسى 24_25 ھەممىمىزنى قۇتقۇزغان يېگانە خۇدا سىلەرنى يىقىلىپ چۈبۈبتىن ساقلاپ، ئەيىبسىز ۋە خۇبال_خۇرام ھالدا ئۆزىنىڭ ئۇلۇغۋار 1239 يەھۇدا يازخان خەت ھۇزۇرىغا ئېلىپ كېلىشكە قادىردۇر. بارلىق بان_بەرەپ، ئۇلۇغلۇق، قۇدرەت ۋە ھوقۇق رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئەزەلدىن تا ھازىرغىچە ۋە ئەبەدىلئەبەد خۇداغا مەنسۇپ بولغاي، ئامىن