فىلىمۇنغا يېزىلغان خەت (قىسقىچە چۈبەندۈرۈش) بۇ خەتنىڭ مۇئەللىپى ئەلچى پاۋلۇس بولۇپ، ئۇ بۇ خەتنى كولوسىلىقلارغا يازغان خېتى بىلەن ئاساسەن بىر ۋاقىتتا يازغان بولۇپ، ئۇنى كولوسى بەھىرىدە تۇرىدىغان ئېتىقادچى فىلىمۇنغا بۇ يەرگە ماڭىدىغانلار ئارقىلىق ئەۋەتكەن. فىلىمۇننىڭ ئونېسىمۇس ئىسىملىك بىر قۇلى ئۇنىڭ پۇلىنى ئېلىپ، قېچىپ كېتىپ، تۈرمىدە تۇرۇۋاتقان پاۋلۇس بىلەن تونۇبۇپ قالغان ھەم ئۇ ئارقىلىق ئېتىقادچى بولغان. پاۋلۇس ئونېسىمۇسنى بۇ خەت بىلەن بىللە فىلىمۇننىڭ يېنىغا قايتۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ئونېسىمۇسنى كەچۈرۈبنى ۋە ئۇنىڭغا ئېتىقادچى قېرىندابلىرىغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىشنى سورىغان. تېزىس: 1. سالام (1 _ 3_ئايەتلەر) 2. فىلىمۇننى ماختاش (4 _ 7_ئايەتلەر) 3. ئونېسىمۇس ئۈچۈن ئۆتۈنۈش (8 _ 22_ئايەتلەر) 4. ئاخىرقى سۆز (23_، 25_ئايەتلەر) فىلىمۇنغا يېزىلغان خەت 1 ئەيسا مەسىھكە خىزمەت قىلىش يولىدا مەھبۇس بولغان مەنكى پاۋلۇس ۋە مەن ئارقىلىق قېرىندىشىمىز تىموتىيدىن قەدىرلىك خىزمەتدىشىمىز بولغان سەن فىلىمۇنغا 2 ۋە سىڭلىمىز ئافىياغا، بىز بىلەن بىللە كۈرەش قىلغان ئاركىپۇسقا ۋە ئۆيۈڭدە جەم بولىدىغان ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە سالام 3 خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھ سىلەرگە مېھىر_بەپقەت ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي فىلىمۇننىڭ مېھىر_مۇھەببىتى ۋە ئېتىقادى 4 قەدىرلىك فىلىمۇن، دۇئالىرىمدا ھەمىشە سېنى ياد ئېتىپ، خۇداغا بۈكۈر ئېيتىمەن. 5 چۈنكى، مەن سېنىڭ رەببىمىز ئەيساغا بولغان ئېتىقادىڭ ۋە بارلىق ئېتىقادچىلارغا بولغان مېھىر_مۇھەببىتىڭ توغرىسىدا ھەر دائىم فىلىمۇنغا يېزىلغان خەت 1124 ئاڭلاپ تۇرۇۋاتىمەن. 6 ئېتىقادىڭ سەۋەبلىك خۇدا ساڭا تەقدىم قىلغانلارنى بابقىلار بىلەن مەردلەرچە ئورتاقلىشىشىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلىمەن. بۇنداق قىلساڭ، بىزنىڭ ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىزدىن بىزگە بېرىلگەن بەختلەرنىڭ نەقەدەر مول ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈبىنەلەيسەن. 7 قېرىندىشىم، سېنىڭ ئېتىقادچىلارغا بولغان مېھىر_مۇھەببىتىڭ ماڭا زور خۇباللىق ۋە رىغبەت ئېلىپ كەلدى. چۈنكى، سەن ئېتىقادچىلارنىڭ روھىنى كۆتۈردۈڭ. فىلىمۇننىڭ قۇلى ئونېسىمۇس ھەققىدە ئىلتىماس 8 بۇڭا، مەن ئەيسا مەسىھنىڭ ئەلچىسى بولۇبۇم بىلەن ئەسلىدە سېنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى بېجىرىشىڭنى يۈرەكلىك ھالدا بۇيرۇيالىساممۇ، 9 لېكىن، يەنىلا سېنىڭ مېھىر_مۇھەببىتىڭگە كۆرە ئىلتىماس قىلىشنى تاللىۋالدىم. بۇ ئىلتىماسنى مۇبۇ يابقا كىرىپ قالغان ھەم ئەيسا مەسىھكە خىزمەت قىلىش يولىدا ھازىر مەھبۇس بولۇۋاتقان مەنكى پاۋلۇستىن دەپ بىلگىن. 10 سەندىن قۇلۇڭ ئونېسىمۇس ھەققىدە ئىلتىماس قىلىمەن. ئۇ زىنداندىكى ۋاقتىمدا مەن ئارقىلىق ئېتىقادچى بولغانلىقتىن، ئۆز ئوغلۇمدەك بولۇپ قالغان. 11 ئۇ بۇرۇن ساڭا پايدىسىز بولسىمۇ، ئەمما ھازىر ساڭىمۇ، ماڭىمۇ پايدىلىقتۇر.* 12 مەن ھازىر ئۇنى، يەنى جانجىگىرىمنى سېنىڭ يېنىڭغا قايتۇرىمەن. 13 خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگەنلىكىم ئۈچۈن مەھبۇس بولۇپ زىنداندا يېتىۋاتقان مۇبۇ ۋاقتىمدا، ئۇنى سېنىڭ ئورنۇڭدا خىزمىتىمدە بولۇش ئۈچۈن يېنىمدا ئېلىپ قالغۇم بار ئىدى. 14 بىراق، سېنىڭ رازىلىقىڭنى ئالمىغاچقا، بۇنداق قىلىشنى خالىمىدىم. سېنىڭ ماڭا مەجبۇرىي *11. ئونېسىمۇس _ گرېكچە «پايدىلىق» دېگەن مەنىدە. ئەمەس، بەلكى رازىمەنلىك بىلەن ياخشىلىق قىلىشىڭنى ئۈمىد قىلدىم. 1125 فىلىمۇنغا يېزىلغان خەت 15 خۇدانىڭ قۇلۇڭ ئونېسىمۇسنىڭ ۋاقتىنچە سېنىڭ يېنىڭدىن قېچىشىغا يول قويغانلىقى، بەلكىم كېيىن سېنىڭ ئۇنى مەڭگۈ ئېلىپ قېلىشىڭ ئۈچۈندۇر. 16 ئەمدى سەن ئۇنى قۇل قاتارىدا ئەمەس، بەلكى قۇلدىن كۆپ ئۈستۈن _ سۆيۈملۈك بىر ئېتىقادچى قېرىندىشىڭ قاتارىدا كۆرەرسەن. ئۇ مەن ئۈچۈن ئىنتايىن قەدىرلىكتۇر. سەن ئۈچۈن تېخىمۇ بۇنداق بولۇبى كېرەك. چۈنكى، سېنىڭ ھازىر ئۇنىڭ بىلەن قۇل_خوجايىنلىق مۇناسىۋىتىڭ بولۇپلا قالماي، رەببىمىزگە ئېتىقاد قىلىش جەھەتتە قېرىندابلىق مۇناسىۋىتىڭمۇ باردۇر. 17 بۇنىڭ ئۈچۈن، ئەگەر سەن مېنى رەببىمىزنىڭ خىزمىتىدە سەپداش دەپ قارىساڭ، ئۇنى مېنى قوبۇل قىلغاندەك قوبۇل قىل. 18 ئەگەر بۇرۇن ئۇ ساڭا بىرەر يولسىزلىق قىلغان بولسا ياكى پۇللىرىڭنى ئوغرىلىغان بولسا، ئۇنى مېنىڭ ھېسابىمغا ياز. 19 مەنكى پاۋلۇس بۇ سۆزلەرنى ئۆز قولۇم بىلەن يېزىۋاتىمەن: ھېساباتنى ئۆزۈم قايتۇرىمەن. لېكىن، خۇش خەۋەر ئارقىلىق ئېرىشكەن مەڭگۈلۈك ھاياتىڭ ئۈچۈن ماڭا قەرزدار ئىكەنلىكىڭنى تىلغا ئېلىشىمنىڭ ھاجىتى بولمىسا كېرەك. 20 بۇڭا، ئەي قېرىندىشىم، رەببىمىز ئۈچۈن ئىلتىماسىمنى قوبۇل قىلغىن. ئىككىلىمىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، روھىمنى كۆتۈر. 21 سۆزۈمنى ئاڭلايدىغانلىقىڭغا ۋە سورىغانلىرىمدىن ئارتۇق ئورۇنلايدىغانلىقىڭغا چوڭقۇر ئىشىنىپ، بۇ خەتنى يازدىم. 22 يەنە بىر ئىش، ماڭا تۇرالغۇ جاي تەييارلاپ قويغىن. چۈنكى، دۇئالىرىڭلار ئارقىلىق زىنداندىن ئازاد بولۇپ، يېنىڭلارغا قايتىپ بارىدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن. ئاخىرقى سالام 23 ئەيسا مەسىھكە خىزمەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، مەن بىلەن بىللە مەھبۇس بولغان ئېپافىرا، 24 خىزمەتدابلىرىم ماركۇس، ئارىستارخۇس، فىلىمۇنغا يېزىلغان خەت 1126 دېماس ۋە لۇقالاردىن ساڭا سالام. 25 رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر_بەپقىتى سىلەرگە يار بولغاي